بىرلەشمە قىسىم دائېش نۇقتىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم ئىراقنىڭ تىكرىت شەھىرىدىكى دائېش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، ئى ش ئى د) نۇقتىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

281833
بىرلەشمە قىسىم دائېش نۇقتىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما باياناتىدا، ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدار ئەلئىبادىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىرلەشمە قىسىمنىڭ تىكرىتنى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسىگە ياردەم قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى. باياناتتا، ئىراق ئارمىيەسىگە ھاۋادىن ياردەم قىلىنغانلىقى ۋە ئاخبارات بىلەن تەمىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، دائېش مەركىزىي نۇقتىلىرىنى ۋەيران قىلىشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
شىئە قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىراق ئارمىيەسى 2 – مارت تىكرىتنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن دائېشقا قارشى ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، شەھەرنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا كىرگۈزگەن ۋە شەھەر مەركىزىنى مۇھاسىرگە ئالغان ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۈگۈنگىچە ھاۋادىن كۆزەتكەندىن باشقا، تىكرىت ئۇرۇشىغا ئارىلاشمىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر