دائېش تەھدىتى تالىبان بىلەن شىئەلەرنى بىرلەشتۈردى

تەھدىتى ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋىيەدىن ھالقىپ كەتكەن دائېش (ئى ش ئى د)، بۇ قېتىم ئافغانىستاندا باش كۆتۈردى.

275780
دائېش تەھدىتى تالىبان بىلەن شىئەلەرنى بىرلەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دائېش تەھدىتى شىئەلەرگە قارشى ئىكەنلىكى بىلەن تونۇلغان تالىبان بىلەن ئاز سانلىق ھازارا شىئەلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئافغانىستان تارىخىدا بىر يېڭىلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولدى؛ ھازارا قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن تالىبان قوماندانلىرى ئافغانىستاننىڭ غەزنە شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، دائېشقا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنى قارارلاشتۇردى.

ئافغانىستاندا ئۆتكەن ئاي ھازارالار ئولتۇرغان ئىككى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قوراللىق كىشىلەرنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان ۋە يولۇچىلار گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارى تالىبانغا مەركەزلەشكەن، لېكىن، تالىبان ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغاندىن كېيىن، مەزكۇر قوراللىق كىشىلەرنىڭ دائېش ئەزالىرى ئىكەنلىكىگە دائىر قاراشلار كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.

ب د ت نىڭ دوكلاتلىرىدىمۇ ئافغانىستان تالىبانلىرىدىن ئايرىلغان بەزى قوراللىق كىشىلەرنىڭ دائېشقا قېتىلغانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن تالىبان كۈچلىرى ئارىسىدا پات – پات توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

بۇ جەرياندا، ئىراقنىڭ ئەنبار ئۆلكىسىدىكى سۈننىي قەبىلە رەھبەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ دائېشقا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان ئەنبارلىق شەيخ ۋە قەبىلىلەر مەجلىسى» قۇرۇپ چىققانلىقى ئەسكەرتىلدى. مەزكۇر گۇرۇپپا نامىدىن بايانات بەرگەن باياناتچى ئىبراھىم دۇلەيمى، ئىراقنىڭ ئىچى ياكى سىرتىدىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېھتىياجى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەجلىسنىڭ مۇددىئاسىنى «ئىراقنىڭ مەزھەپچىل ئاساسلارغا تايىنىدىغان كىچىك دۆلەتلەرگە ئايلىنىپ كېتىشىگە قەتئىي قارشىمىز. دۆلەتنىڭ خەلق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايمىز. مەزھەپچىل بۆلۈنۈشلەرگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكەتنى مەجلىسىمىز نامايان قىلىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق خۇلاسىلەپ بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ياشلارنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە يەنە 9 ئەنگلىيەلىك ئوقۇغۇچى تەشكىلاتقا قېتىلىش مەقسىتىدە سۈرىيەگە كەتتى؛ ئەسلى سۇدانلىق بولغان 4 نەپىرى قىز جەمئىي 9 نەپەر تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى دائېش كونتروللۇقى ئاستىدىكى شەھەرلەردىكى دوختورخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن تەشكىلاتقا قېتىلدى.

ھازىرغىچە دائېشقا قېتىلىپ كەتكەن ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى 600 ئەتراپىدا، دەپ تەخمىن قىلىنماقتا.

تەشكىلاتنىڭ قانلىق ئۆلۈم ئىجرا قىلىشقا دائىر كۆرۈنۈشلەردە راۋان ئىنگلىزچىسى بىلەن تەشۋىقات سۆزلىرىنى قىلغان جىھادچى جون ئىسىملىك دائېش ئەزاسىمۇ ئەنگلىيە پۇقراسىدۇر.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر