لاھوردىكى خىرىستىيانلار مەھەللىسىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن بومبا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 10 ئادەم ئۆلدى، 50 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
264344
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادەم بومبا ھۇجۇمچىلىرى 100 مىڭدىن ئارتۇق خىرىستىيان ياشايدىغان يوھاناباد رايونىدىكى 2 چېركاۋغا يېقىن جايدا ۋەقە پەيدا قىلدى. ساقچىلار ھۇجۇمنى تالىباننىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
لاھوردىكى ھۇجۇم، تالىباننىڭ 2013- يىلى پېشاۋۇردا 82 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمىدىن بۇيانقى دۆلەتنىڭ ئەڭ قانلىق ھۇجۇم، دەپ قارالماقتا.