مالدىۋىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلى

مالدىۋىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ناشىد 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

263182
مالدىۋىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى 13 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد ناشىد، بۇنىڭدىن 3 يىل بۇرۇن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر سودىيە ئۈستىدىن قانۇنسىز قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتاتتى.
سوتقا تارتىلغان ناشىدنىڭ ئادۋۇكاتلىرى، سوت جەريانىدا ئۆزلىرىگە سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوت زالىنى تەرك ئەتتى.
ناشىد، 2008 – يىلقى سايلامدا ئۇدا 30 يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەئمۇن ئابدۇل قەييۇمنى يېڭىپ، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى پىرېزىدېنت بولۇپ قالغانىدى.
ناشىدنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولسا، 2018 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلاملىرىدا ناشىدنىڭ يېڭىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا شۇنداق جىنايەتلەرنىڭ ئارتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر