لىۋىيە مەسىلىسنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا

ئۇچرىشىشلاردا ئۇرۇش توختىتىش باسقۇچىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تەكلىپ تېكىستىنى يېزىش ھازىرلىقىنىڭ تاماملىنىشى قاتارلىق تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

251587
لىۋىيە مەسىلىسنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا.
لىۋىيەدە ھازىر ئىككى ئايرىم ھۆكۈمەت بار بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرە ماراكەشتە داۋاملاشماقتا.
پايتەخت راباتنىڭ ساھىرات رايونىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇللىرى، توبرۇق مەركەزلىك پالاتا ھۆكۈمىتى ۋە تىرابلوس مەركەزلىك ئاۋام پالاتاسى ھاكۈمىتى ۋەكىللىرى ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارماقتا. بىراق ئىككى تەرەپ تېخىچە ئۆزئارا ئۇچرىشىپ ياققىنى يوق.
ئۇچرىشىشلاردا دۆلەتلىك خەلق بىرلىكى ھۆكۈمىتى قۇرۇلىشى، ئۇرۇش توختىتىش باسقۇچىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە دۆلەت ئاساسىي قانۇنى تەكلىپ تېكىستىنى يېزىش ھازىرلىقىنىڭ تاماملىنىشى قاتارلىق تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بېرناردىنو لېيون: «ھەيئەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلەن كۆرۈشتۈم، بىرەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىگە دائىر ئىچىمدە بىر ھېس بار. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان بۇنداق ۋەزىيەت يوق ئىدى» دېدى.
جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن 1 – ۋە 2 – قېتىملىق مۇزاكىرە يىغىنلىرىغا تىرابلوستىكى ئاۋام پالاتا ھۆكۈمىتى قاتناشقان ئىدى.
تىرابلوس ھۆكۈمىتىنىڭ مۇزاكىرىلەرنى دۆلەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشنى شەرت قىلغانلىقى يۈزىسىدىن لىۋىيەنىڭ غادامىس شەھىرىدە ۋاستىلق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇچرىشىشلاردا، بۇنىڭدىن كېيىن مۇزاكىرىنىڭ ماراكەشتە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر