دائېش مىلىتانلىرىغا ياتلىق بولۇشقا بولمايدۇ، دەپ پەتىۋا بېرىلدى

مىسىر پەتىۋا باشقارمىسى مۇسۇلمان ئاياللارنى دائېش مىلىتانلىرىغا ياتلىق بولماسلىققا چاقىردى.

249856
دائېش مىلىتانلىرىغا ياتلىق بولۇشقا بولمايدۇ، دەپ پەتىۋا بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا تىكرىتنى دائېشنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن بەس-بەستە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى.
تىكرىتكە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئىراق ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە شىئە مىلىتانلار، پىدائىيلار ۋە ئىران قىسىملىرىمۇ قاتناشتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولسا ئىراننىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىشىنىڭ رايوندا مەزھەپ توقۇنۇشىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئاق ساراي باياناتچىسى جاش ئۆرنىست، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ «مەزھەپ توقۇنۇشى»نى ئاشۇرۇۋېتىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىراق ھاكىمىيىتىنى ئاگاھلاندۇردى. ئېرنېست مۇنداق دېدى: «باشتىلا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران بىلەن ھەربىي جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورناتمايدۇ.»
ئامېرىكا ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقى گېنېرال دېمپسىمۇ تىكرىتتە داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەت ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ ئىراننىڭ قوللىۋاتقانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى» دېدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ تىكرىت ھەربىي ھەرىكەتنىڭ مەزھەپ توقۇنۇشىنى ئۇلغايتىشىغا سەۋەب بولماسلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇردى.
بۇ ئارىلىقتا مىسىر پەتىۋا باشقارمىسى مىسىردىكى مۇسۇلمان ئاياللىرىنى دائېش مىلىتانلىرىغا ياتلىق بولماسلىققا چاقىردى.بۇنىڭدىن باشقا، دائېشقا قاتنىشىپ ھەربىي تەلىم تەربىيە ئالغان بىر نېمىس پۇقراسى گېرمانىيەدە قايتىش سەپىرىدە دۇسېلدورف ئايرۇدۇرۇمىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر