نېتانياھۇنىڭ تالاش-تارتىشلىق ئامېرىكا زىيارىتى باشلىدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ تالاش-تارتىشلىق ئامېرىكا زىيارىتى باشلىدى.

243667
نېتانياھۇنىڭ تالاش-تارتىشلىق ئامېرىكا زىيارىتى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ تالاش-تارتىشلىق ئامېرىكا زىياىتى باشلىدى.
ئاق ساراي ئىسرائىىيەدىكى سايلامغا ئىككى ھەپتە قالغاندا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى زىيارەتكە نارازىلىق بىلدۈردى. نېتانياھۇنىڭ زىيارىتى ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۇ يەھۇدىي لوبى ئورگانلىرىدىن ئامېرىكا ئىسرائىلىيە خەلقلىرى كومىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
ئوبامانىڭ نېتانياھۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى «باشقا بىر دۆلەتتە تۇرۇپ سايلامغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش» دەپ تەرىپلەپ، نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى. نېتانياھۇ ئەتە ئامېرىكا مەجلىسىدە سۆز قىلىدۇ. نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكا مەجلىسىدە مەجلىس ئەزالىرىنى ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمنامىسى ئىمزالىماسلىققا ۋە بۇ دۆلەتكە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش مەسىلىلىرىدە قايىل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
نېتانياھۇ ئوبامانىڭ رەت قىلىشىنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى رەئىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ۋاشىنگىتونغا بېرىشنى قارار قىلىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دېپلوماتىك قائىدە-يوسۇن كىرزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
ئوبامانىڭ مەملىكەتلىك خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى سۇزىن رايىس، نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكا مەجلىسىدە سۆز قىلىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئاگاھلاندۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر