ئىسلامغا قارشى تەشكىلات پېگىدانىڭ پىلانى سۇغا چىلاشتى

ئەنگلىيەدە ئىسلامغا قارشى تەشكىلات پېگىدانىڭ نامايىش پىلانى سۇغا چىلاشتى.

242926
ئىسلامغا قارشى تەشكىلات پېگىدانىڭ پىلانى سۇغا چىلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار تەشكىلاتى» پېگىدانىڭ ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىغا مۆلچەردىكىدىنمۇ ئاز كىشى قاتناشتى.
نىۋكاستول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئاران 400 ئادەم قاتناشتى. مۆلچەردىكىدىنمۇ ئاز كىشى قاتناشقان نامايىشتا، پېگىدا تەرەپدالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جېدەل سەۋەبىدىن بەش كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
پېگىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئەسنادا شەھەرنىڭ نىۋگېيت كوچىسىدا 2000 كىشى پېگىداغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى، نامايىشقا نىۋكاستول بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ تەرەپدارلىرىمۇ ئاۋاز قوشتى.
ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقمىدى، ساقچىلار كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالدى.
بۇ ئارىلىقتا ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقىتىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ پېگىدانىڭ تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
گېرمانىيەدە قۇرۇلغان پېگىدا ئىلگىرىمۇ ئىسپانىيە، ئاۋىستىرىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر