سۈركىيە ئۆكتىچىلىرى ب د ت نىڭ ھەلەب تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلدى
سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى تۈركىيەنىڭ كىلىس شەھىرىدە مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى چاقىردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا ب د ت نىڭ سۈرىيە ۋەكىلى دې مېستۇرانىڭ ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىگە بىلدۈرۈلىدىغان ئورتاق پوزىتسىيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. دې مېستۇرا ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش، ئارقىدىن مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا ب د ت غا تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى بۇ تەكلىپكە قىزغىن قارىمايدۇ.
3 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان يىغىن نەتىجىسىدە سۈرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقىلابچى كۈچلەر مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى ئەزالىرى ئارىسىدا سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ پەقەت ھەلەب بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى
رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.