ئافېنادا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نامايىشچىلار ئونلىغان ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بەردى.

240234
ئافېنادا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئافىنادا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
گېرىتسىيەنىڭ پايتەختى ئافېنادا ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ھەققىدە ئىمزالاشقان كېلىشىمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
ئۆزلىرىگە «ھۆكۈمەتكە قارشى ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەرغىپ قىلغۇچىلار» دەپ نام قويۇۋالغان 300 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا شەھەر مەركىزىدىكى ئافىنا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا يىغىلىش قىلدى. ئاندىن پارلامېنت بىناسى جايلاشقان سىنتاگما مەيدانىغا قاراپ يۈرۇش قىلدى.
يۈرۈش جەريانىدا ئەتراپتا قويۇق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇشلارمۇ يۈز بەردى.
ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى تاش ۋە ئوت توپى (يەنى بىنزىن قاچىلانغان شىشە) ئاتقان نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش گازى بىلەن تاقابىل تۇردى.
نامايىشچىلار ئەتراپتىكى دۇككان، بانكا شۆبىلىرى، ئاپتوبوس بېكەتلىرى ۋە تېلېفون بوتكىلىرىنىڭ ئەينەكلىرى چىقىپ تاشلىدى ھەمدە توختىتىپ قويۇلغان ئونلىغان ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇپ بەردى.
دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا نامايىشتا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر