رۇسىيە رۇملار بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن قىبرىس رۇم دائىرىلىرى رەھبىرى ئاناستاسىئادىس بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

238210
رۇسىيە رۇملار بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، قىبرىس رۇم دائىرىلىرى پورتلىرىغا رۇسىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن پايتەخت موسكۋادا قىبرىس رۇم دائىرىلىرى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىسنى قوبۇل قىلدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن رەھبەرلەر سېلىنما، مائارىپ، ھەربىي قاتارلىق 9 پەرقلىق ساھەدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. پۇتىن، قىبرىس رۇم تەرىپىنىڭ رۇسىيەنىڭ تېررورىزم ۋە ئەتكەسچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىدىغان ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا پورتلىرىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە كېلىشىمنىڭ ھېچكىمگە قارشى تۈزۈلمىگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە قوشۇمچە قىلىپ، قىبرىس رۇم دائىرىلىرىگە ئىقتىسادىي مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى مەقسىتىدە بېرىلگەن 2 يېرىم مىليارد ياۋرولۇق كونا قەرز كېلىشىمىنى يېڭىلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر