ب د ت: سالىھ 33 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، 60 مىليارد دوللارغا ئىگە بولدى
يەمەننىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبىرى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ بايلىقى ب د ت دوكلاتىدىن ئورۇن ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەقدىم قىلىنغان دوكلاتتا، سالىھ بىلەن ئىككى ھۇسى لىدىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە مال – مۈلۈكلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.
دوكلاتتا، سالىھنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن 33 يىل جەريانىدا 60 مىليارد دوللار قىممىتىدە مال – مۈلۈككە ئىگە بولغانلىقى قەيت قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەبلەغ يەمەننىڭ يىللىق خامچوتىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، سالىھ بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنى 5 سودا – سانائەتچىنىڭ ياردەم قىلىشى ئارقىسىدا كەم دېگەندىمۇ 20 دۆلەتكە يۆتكىگەن.
ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ 2012- يىلى يەمەندە مەيدانغا كەلگەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئەسناسىدا ۋەزىپىسىنى مۇئاۋىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، دۆلەتتىن چىقىپ كەتكەنىدى.
ب د ت، يەمەندە مۇقىمسىزلىق ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ بىلەن 2 ھۇسى رەھبىرىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ قويغان ۋە بۇ كىشىلەرگە ساياھەت چەكلىمىسى قويغانىدى.