ئامېرىكا: مىسىرلىق پائالىيەتچىلەرگە بېرىلگەن جازادىن قايغۇردۇق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، مىسىردا رۇخسەتسىز ھالدا نامايىش ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتقان پائالىيەتچى ئالا ئابدۇلفەتتاھ ۋە باشقا گۇماندارلارغا بېرىلگەن جازادىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

230135
ئامېرىكا: مىسىرلىق پائالىيەتچىلەرگە بېرىلگەن جازادىن قايغۇردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جىن پساكى، سوتنىڭ رۇخسەتسىز نامايىش ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن مىسىرلىق 20 پائالىيەتچىگە بەرگەن ھۆكمىگە «ئېغىر جازا» دەپ باھا بەردى. پساكى گۇماندارلارنى ئالىي سوتقا ئېتىراز بىلدۈرۈش قاتارلىق بارلىق يوللار ئارقىلىق ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

قاھىرەنىڭ گۇماندارلارغا بەرگەن جازالىرى ئارقىلىق پىكىر ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە زەربە بەرگەنلىكىنى قەيت قىلغان پساكى، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن مىسىرلىق رەھبەرلەرنىمۇ نامايىش قانۇنلىرى ۋە بۇ دائىرىدە بېرىلگەن جازالارنى دەرھال كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر