بېيجىڭ يېڭى دېھلىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھىندىستان باش مىنىستىرىنىڭ دەتالاشلىق رايون ئوروناچال بىرادىشنى زىيارەت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

228733
بېيجىڭ يېڭى دېھلىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندىستان باش مىنىستىرى نارىندا مودىنىڭ ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىدىكى دەتالاشلىق چېگرا رايونىنى زىيارەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ھىندىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى جۈمە كۈنى ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ كۈچنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىزچىل يىرىك بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي شىمالدىكى ئوروناچال بىرادىش ۋىلايىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانىدى. بېيجىڭ دائىرىلىرى، ئومۇمىي كۆلىمى 84 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن كېلىدىغان مەزكۇر رايوننىڭ ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدىكى تىبەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

مودىنىڭ زىيارىتى ئوروناچال برادىشنىڭ ۋىلايەتكە ئۆزگەرتىلىشىنىڭ 28- يىللىقىنى خاتىرىلەش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇ بىر تۆمۈر يولىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش لىنتىسىنى كەستى ۋە رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، سۇ ئېلېكتېر ئىستانسىسى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىيۇ جىنمىننىڭ ھىندىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، بۇ زىيارەتنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى، «دۆلىتىنىڭ بۇ ئىشتىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقى ۋە زىيارەتكە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

لىيۇ جىنمىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئېيتتى ۋە يېڭى دېھلىنى مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەر قانداق ئىشتىن يىراق تۇرۇشقا، بۇ مەسىلىنى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر