تۈركىيە لىۋىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، لىۋىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق تەرەپلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆزەتچىلىكىدە داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي دىيالوگ باسقۇچىغا داخىل بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

226326
تۈركىيە لىۋىيەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لىۋىيەنىڭ قۇبا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھەم يارىلىنىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى قاتتىق ئەيىبلەندى. باياناتتا، «لىۋىيەدىكى ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئائىلىرىگە سەۋر – تاقەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، قېرىنداش دۆلەت لىۋىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى. تۈركىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان لىۋىيەدە بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەندىشە ئىچىدە تەقىب قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، لىۋيەنىڭ رايوندا يېڭى بىر تېررورلۇق ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مىللىي مۇرەسسەلىشىشنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى. تۈركىيە، لىۋيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتچىلىكى ئاستىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان سىياسىي دىيالوگ باسقۇچىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر