تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئافغانىستاننىڭ لوگار شەھىرىدە ۋىلايەتلىك ساقچى مەركىزىگە قىلىنغان ۋە 22 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 9 ى يارىلانغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

222496
تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇم نىشانىنىڭ ئافغانىستان نۆۋەتتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تارىخىي باسقۇچقا زىيان يەتكۈزۈش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە داۋاملاشقىنىدەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئافغانىستاننىڭ مۇقىمسىزلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش نىشانىغا يېتەلمەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر