يەمەندە سۈننىيلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە بىناسىنى قولغا چۈشۈردى

يەمەندە سابىق پىرېزىدېنت ھادى تەرەپدارلىرى رادىيو-تېلېۋىزىيە بىناسىنى قولغا چۈشۈردى.

220182
يەمەندە سۈننىيلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە بىناسىنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئادەندە سابىق پىرېزىدېنت ھادىنىڭ تەرەپدارلىرى رادىيو-تېلېۋىزىيە بىناسىنى قايتۇرۇۋالدى. ھادى تەرەپدارلىرى بىلەن بىنانى ئىشغال قىلىۋالغان شىئە ھۇسىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، بىر ھۇسى مىلىتانى بىلەن ھادىنىڭ 2 تەرەپدارى ئۆلدى.
يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن خەلقئارادا دىپلوماتىك خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەنگلىيە بىلەن ئىئوردانىيە تەرىپىدىن تەييارلانغان يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قارار لايىھە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىن چاقىردى. مەزكۇر قارار لايىھە15 ئەزا دۆلەتننىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللاندى.
ھۇسىلەر مەزكۇر قارار لايىھەنىڭ ئەل قائىدىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەمەن خەلقىنى ئەل قائىدىگە يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ئارىلىقتا، يەمەننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە كەسكىنلىشىشىگە قارىتا، تۈركىيە پايتەخت سەنئادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى توختىتىپ قويدى. ئەلچىخانا خادىملىرى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر