لىۋىيە نېفىت تۇرۇببا لىنىيەسىدە چوڭ پارتلاش يۈز بەردى

پارتلاش تۈپەيلى نېفىت ئېقىشى پۈتۈنلەي توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

218820
لىۋىيە نېفىت تۇرۇببا لىنىيەسىدە چوڭ پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدە نېفىت تۇرۇببا لىنىيەسى پارتلاپ كەتتى.
لىۋىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ساھەسى ھېسابلىنىدىغان ۋە شەرقىدىكى توبروق شەھىرىگە جايلاشقان «ئەسسەرىر» بىلەن «ئەل ھەرىقا» پورتى ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت تۇرۇببا لېنىيەسىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى تۈپەيلى نېفىت ئېقىشى پۈتۈنلەي توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پارتلاش سەۋەبىدىن نېفىت تۇرۇببا لېنىيەسىدە كۆرۈلگەن بۇزۇلۇشلارنى رېمۇنت قىلىش ئۈچۈن كەسپىي خادىملار ئەترىتىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان باياناتچى، پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. پايتەخت تىرابلوستىن 500 كېلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان ۋە تەخمىنەن 12 مىليارد ۋارىل نېفىت زاپىسى بىلەن لىۋىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ساھەسى ھېسابلىنىدىغان «ئەسسەرىر» نېفىت بازىسىنىڭ كۈنىگە 200 مىڭ ۋارىل نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد ئەل ھارىرى، ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر پارتلاشنىڭ ھازىرچە سەۋەبى ئېنىقلانمىغانلىقىنى ۋە رېمۇنت قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ 3 كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر