ب د ت ئى ش ئى د قارارنامىسىنى قوبۇل قىلدى.

218143
  ب د ت ئى ش ئى د قارارنامىسىنى قوبۇل قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەرىپىدىن ھازىرلانغان ۋە تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر قوللاۋاتقان قارارنامە ئارقىلىق، ئى ش ئى د نىڭ نېفىت، تارىخىي ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى سېتىشى ۋە فىدىيە كىرىملىرى بىلەن تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇش نىشان قىلىنماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈن قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قارارنامىدە، پۈتكۈل دۆلەتلەر ئى ش ئى د نىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدىن كىرىمگە ئىگە بولۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىق قىلىندى.
قارارنامىدە، ئى ش ئى د دىن نېفىت ياكى تارىخىي يادىكارلىق سېتىۋالغان، بۇنىڭغا ۋاسىتىچىلىك قىلغان ياكى ياردەم بەرگەنلەرگە ھەمدە تەشكىلاتلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن فىدىيە بەرگەنلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
تەشكىلاتنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ئىشلىتىشىنى مەنئىي قىلىدىغان قارارنامىدە، ئى ش ئى د ياكى نۇسرە ئالدىنقى سېپىغا ئوخشىغان ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بار گۇرۇپپىلارنىڭ نېفىت سېتىشىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك داخىل بولغان شەخسلەرنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئەلقائىدەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەقسىتىدە تۇرغۇزۇلغان تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش كومىتېتى تەرىپىدىن بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئى ش ئى د نىڭ فىدىيەدىن يىلىغا 35 مىليون دوللاردىن ئارتۇق كىرىم كىرگۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر