مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان 51- نۆۋەتلىك مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان مىيۇنخېندا 4 مىڭ ئەتراپىدا نامايىشچى يىغىنغا نارازىلىق بىلدۈردى.
214074
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىناغا بىر قانچە يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى ماريېن مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا قارشى شوئارلار توۋلاندى.
خەۋپسىزلىك يىغىنىنىڭ ئۇرۇش ۋە قورال سانائىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن نامايىشچىلار، «قورالسىز تىنچلىق تەلەپ قىلىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈردى.
ئاخىرىدا نامايىشچىلار تىنچ ئۇسۇلدا تارقىلىپ كەتتى.