ھاماس چاۋۇشئوغلۇغا يۇقىرى باھا بەردى

ھاماس دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 51- نۆۋەتلىك مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتنىشىش پىلانىنى بىكار قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.

214207
ھاماس چاۋۇشئوغلۇغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 51- نۆۋەتلىك مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتنىشىش پىلانىنى ئىسرائىلىيە ۋەكىللىرىنىڭمۇ مەزكۇر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بىكار قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.

ھاماس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، چاۋۇشئوغلۇنىڭ گېرمانىيەدە داۋاملىشىۋاتقان يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى مەدھىيەلەندى ۋە «بۇ قەدەم تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقى ۋە ئۇنىڭ ھەقلىق داۋاسى تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېيىلدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىنىڭ ئۆزى سۆزلەيدىغان ئولتۇرۇشىغا ئىسرائىلىيە ۋەكىللىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنىڭ ئاشكارىلانغاندىن كېيىن پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر