ئىيوردانىيە ئى ش ئى د غا قاتتىق جاۋاب قايتۇرىدۇ

ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ ئارمىيە قوماندانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، توخۇ يۈرەكلەرچە جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ئى ش ئى د غا قاتتىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

211952
ئىيوردانىيە ئى ش ئى د غا قاتتىق جاۋاب قايتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پادىشاھ ئابدۇللاھ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) نىڭ ئۇچقۇچى مۇئاز ئەل قەساسىبەنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پايتەخت ئامماندىكى ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. ئىيوردانىيە پادىشاھلىق دىۋانى ئېلان قىلغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، پادىشاھ ئابدۇللاھ : «شېھىت ئۇچقۇچى مۇئاز ئەل قەساسىبەنىڭ قېنى بىكارغا كەتمەيدۇ. ئىيوردانىيە توخۇ يۈرەكلەرنىڭ بۇ جىنايىتىگە قاتتىق جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ تېررورلۇق تەشكىلات پەقەت بىز بىلەنلا ئۇرۇش قىلمايۋاتىدۇ، بەلكى ئىسلام دىنى ۋە خۇشپېئىللىق قاتارلىق مەنىۋى قىممەتلەر بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. بىز بولساق، ئېتىقادىمىزنى، مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنى ۋە ئىنسانىي پىرىنسىپلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇرۇشىمىز ئاداققىچە داۋاملىشىدۇ. ھەر قاچان جىنايەتچىلەرگە قارشى ھوشيار تۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇۋىسىدا بىتچىت قىلىمىز.»
بۇ جەرياندا، ئىيوردانىيەنىڭ ھەر قايسى چېركاۋلىرىدا قەساسىبە ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى، قوڭغۇراق چېلىندى.
ئى ش ئى د ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچى قەساسىبەنىڭ تۆمۈر قەپەزگە سولىنىپ، كۆيدۈرۈلگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئىنتېرنېتتە تارقاتقان ئىدى. ئىيوردانىيە بۇنىڭغا جاۋابەن ساجىدە ئەر رىشاۋى بىلەن زىياد قەربۇلنى «ئى ش ئى د ۋە ئەل قائىدەگە ئەزا بولۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر