ب د ت بوكو ھارامغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بوكو ھارامغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

210830
ب د ت بوكو ھارامغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، نىگېرىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ئەللەردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تېخىمۇ پائال كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئەنسىرەشنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

كېڭەشكە ئەزا ئەللەرنىڭ بوكو ھارامنىڭ نىگېرىيە ۋە كامېروندا چاد ئەسكەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، چاد ئارمىيەسىنىڭ بوكو ھارامنىڭ كامېروندىكى زوراۋانلىقلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەنلىكى تەكىتلەندى.

چاد ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاي بوكو ھارامغا قارشى كۈرەشنى قوللاش مەقسىتىدە قوشنا دۆلەت كامېرونغا ئەسكەر ئەۋەتكەنىدى. چاد ھەربىي قىسىملىرى بىلەن بوكو ھارام قوراللىقلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 123 قوراللىق ئۇنسۇر ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

نىگېرىيەدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بوكو ھارام تەشكىلاتى يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان كامېروننىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ئەسكەر ۋە پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلمەكتە.

بوكو ھارام قوراللىقلىرىنىڭ 1- فېۋرالدا نىگېرىيەنىڭ بورنو ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى مايدۇگۇرىدا پەيدا قىلغان ھۇجۇمىدا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 30 ئادەم يارىلانغاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر