ئىيوردانىيە «ئى شى ئى د»غا تەھدىت سالدى

ياپونىيەمۇ «ئى شى ئى د» بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەرنىڭ چېگىشلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

204589
ئىيوردانىيە «ئى شى ئى د»غا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە «قىساسقا قىساس» دەپ تەھدىت سالدى.
تېررولۇق تەشكىلاتى «ئى شى ئى د» بىلەن ئىيوردانىيە ئوتتۇرىسىدا ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئەسىر ئالماشتۇرۇش سودىسى، ئىيوردانىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر بايانات بىلەن باشقىچە بىر پەللىگە چىقتى.
ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى ئەگەر «ئى شى ئى د» گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئۇچقۇچى مۇئاز قەساسىبەنى ئۆلتۈرىدىغان بولسا، ئىيوردانىيەنىڭمۇ تۈرمىدىكى بارلىق «ئى شى ئى د» ئەزالىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىيوردانىيە مەسئۇللىرى تۈنۈگۈن «ئى شى ئى د» تەلەپ قىلغان ئالقائىدە ئەزاسى ئادەم بومبا ساجىدە ئەل رىشاۋىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇچقۇچى مۇئاز قەساسىبەنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە دائىر پاكىت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
«ئى شى ئى د» دىن جاۋاپ كەلمىگەندىن كېيىن ئۇچقۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىمالىغا دائىر گۇمانلار يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
ياپونىيەمۇ «ئى شى ئى د» بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەرنىڭ چېگىشلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياشۇھىدە ناكاياما، ياپونىيەلىك گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان مۇخبىر كەنجى گوتو بىلەن ئىيوردانىيەلىك مۇئاز قەساسىبەنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى، بىراق مۇزاكىرىلەرنىڭ تېخىمۇ چىگىشلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياشۇھىدە ناكاياما، «جىددى ھالەتتە تۇرماقتىمىز، ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىۋاتىمىز ۋە سۈرۈشتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز» دېدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر