« ئى ش ئى د بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرىلەر قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ

ياپونىيە ئى ش ئى د بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

204274
« ئى ش ئى د بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرىلەر قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياسۇشىدې ناكاياما، ئى ش ئى د تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان كەنجى گوتو بىلەن ئىيوردانىيەلىك مۇئاز ئەلقاسابىشنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنى، ئەمما مۇزاكىرىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ناكاياما باياناتىدا، «ئۆزگىرىشلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەقىب قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىمىز، ئەھۋالنى توغرا ئانالىز قىلىپ، تەكشۈرۈشلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر