ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرېتسىيە ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مارتىن شۇلتس يېقىندا گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا غەلىبە قىلغان سىيرىزا رەھبىرى ئالېكسىس چىپراسنى زىيارەت قىلدى.

202709
ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرېتسىيە ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇلتس، سايلامدىن كېيىن ئاتىنادا زىيارەتتە بولغان تۇنجى ياۋروپالىق رەھبەر بولدى.
شۇلتس، چىپراس بىلەن بىرقاتار مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى، بىراق مۇزاكىرە قىلىنىشقا تېگىشلىك باشقا مەسىلىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.
شۇلتس، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە كىرىزىسى مەسىلىسىگە ياۋروپادىكى ھەمراھلىرى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق چارە تېپىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
گىرېتسىيەنىڭ قەرزلىرى مەسىلىسىگە ياۋروپالىق ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئورتاق چارە تېپىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن شۇلتس، «ياۋروپادا چىپراسنىڭ ئۆزى بىلگىنىچە سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىغا قارىتا ئەندىشە بار ئىدى، بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن بۇنىڭدىن قورقمايمەن» دېدى.
چىپراسمۇ، نىشانلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن توقۇنۇشۇش ئەمەس، ئەكسىچە ئىقتىسادىي كىرىزىسنى ھىل قىلىش مەقسىتىدە ھازىرلانغان پىلانلارنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر