«ئى شى ئى د»نىڭ ھۇجۇملىرى بارغانچە ئەۋج ئالماقتا

ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرچە ھېچ قانداق ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

203483
«ئى شى ئى د»نىڭ ھۇجۇملىرى بارغانچە ئەۋج ئالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن كۈنتەرتىپتىن چۈشمەي كېلىۋاتقان «ئى شى ئى د»نىڭ ھۇجۇملىرى ئەۋج ئالماقتا.
ئىراقنىڭ كەركۈك ناھىيەسىدە كوچىغا چېقىش مەنئىي قىلىندى. پايتەخت باغداتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 18 كىشى يارىدار بولدى.
كەركۈك شەھەر مەركىزىدىكى ئامانلىقنى ساقلاش مەزكىزى پونكىتى جايلاشقان رايونغا تېررولۇق تەشكىلاتى «ئى شى ئى د» بومبا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا كۇرد قوراللىق قىسىملىرىنىڭ 1 - بىرېگادا قۇماندانى ۋە 6 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
«ئى شى ئى د»نىڭ 3 ئەزاسى كەركۈك شەھەر مەركىزىدىكى بىر مېھمانخانىغىمۇ ھۇجۇم قىلدى. ئۇلاردىن بىرسى بەدىنىگە تېڭىلغان بومبىنى پارتلاتتى. قالغان ئىككىسى پارتىلىتىشقا ئۈلگۈرەلمەستىن قولغا ئېلىندى.
كورد گۇرۇپپىلار مېھمانخانا ۋە ئەتراپىدىكى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈنلەي كونتىروللۇقى ئاستىغا ئالدى.
توقۇنۇشلار كەركۈكنىڭ جەنۇبى قىسمىدىمۇ داۋاملاشماقتا.
ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەت مۇئاۋىن باشلىقى كوسۋەت رەسۇل، يارىدەم قىلىش ئۈچۈن قول ئاستىدىكى بىرېگادا بىلەن كەركۈكقا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
شەھەردە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى داۋاملاشماقتا. باغداتتىمۇ توختىماي قان ئاقماقتا. بۇ قېتىمقى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 13 كىشى ئۆلۈپ، 18 كىشى يارىدار بولدى.
باغداتنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 8 كىشى ئۆلۈپ، 23 كىشى يارىدار بولدى.
بۇ ئارىلىقتا ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى تېررولۇق تەشكىلاتى «ئى شى ئى د»نىڭ قول ئىلكىدىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان كىشىلەر بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش تەكلىپى سۇندى ۋە ساجىدە ئەل رىشاۋىنىڭ ھازىرمۇ ئىيوردانىيە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرچە ھېچ قانداق ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتە سۇرىيەدىمۇ شىددەتلىك تۇقۇنۇشلار پۈتۈن سۈرئىتى بىلەن داۋاملاشماقتا.
ئەركىن سورىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسەد ئەسكەرلىرىگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر