ئىيوردانىيە ئى ش ئى د نىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى

دائېش / ئى ش ئى د بۇ قېتىم ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچى بىلەن ياپونىيەلىك مۇخبىرنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

199980
ئىيوردانىيە ئى ش ئى د نىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوبانى (ئەينۇلئەرەب) نى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بۇ يەردىكى مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن خەلقئارا بىرلەشمە كۈچلەرگە دوئېل ئېلان قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

دائېش يېڭى بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقىتىپ، گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچى بىلەن ياپونىيەلىك مۇخبىرنى 24 سائەت ئىچىدە ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې دائېشنىڭ باياناتىغا ‹پەسكەشلەرچە بىر ئىش› دەپ باھا بەردى.

دائېش ئىيوردانىيەلىك ئۇچقۇچى بىلەن ياپونىيەلىك مۇخبىرنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىيوردانىيە تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىراقلىق ساجىدە ئەررىشاۋىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

دائېش بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن 72 سائەت ئىچىدە 200 مىليون دوللار فىدىيە بەرمىگەن تەقدىردە، گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 2 ياپونىيەلىكنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، مۇددەت توشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى گۆرۈدىكى ئۇچقۇچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بەدىلىگە ساجىدە ئەررىشاۋىنى قويۇپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر