ئامېرىكا يەمەندىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋەتتى

ئامېرىكا يەمەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ۋاقىتلىق تاقىۋەتتى.

197835
ئامېرىكا يەمەندىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەمەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسنى تاقىۋەتتى.
ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىپ بېرىۋاتقان يەمەندە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھېچ بېسقىدىغاندەك ئەمەس.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەسلەپ ھۆكۈمەت، ئارقىدىن پىرېزىدېنت ئىستېپا بەرگەن يەمەندىكى ۋەقەلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، يەمەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسنى تاقىۋەتتى.
ئامېرىكىنىڭ يەمەن ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، يەمەننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قېلىشى تۈپەيلى ئەلچىخانىنىڭ بىر مەزگىل خىزمەت قىلمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئامېرىكا پۇقرالىرى يەمەنگە ساياھەتكە كەلمەسلىك ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر