ب د ت غەززەگە بولغان ياردىمىنى توختىتىۋەتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى سەۋەب كۆرسىتىپ غەززەگە بولغان ياردىمىنى توختىتىۋەتتى.

198587
ب د ت غەززەگە بولغان ياردىمىنى توختىتىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ياردەم ئورگىنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرى ئەسناسىدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرگە بېرىپ كېلىۋاتقان ياردەمنى «پۇل قىيىنچلىقى» سەۋەبىدىن توختىتىپ قويغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
مەزكۇر ئورگان غەززەنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن مسىرنىڭ پايتەختى قاھىردە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا تەلەپ قىلىنغان 724 مىليون دوللاردىن پەقەت 135 مىليون دوللارنىڭ يىغىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ئورگان بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرنىڭ كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ ئالاقىدار ئورۇنلانى ئاگاھلاندۇردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 51 كۈنلۈك ھۇجۇملىرىدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تەخمىنەن 15مىڭ كىشى ھېلىھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىن مۇساپىرلار ياردەم ئورگىنىغا تەۋە مەكتەپلەردە ياشىماقتا.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 2000 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 11مىڭدىن ئارتۇق  كىشى يارىلاندى، تەخمىنەن 92 مىڭ بىنا زىيانغا ئۇچرىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر