ئىراندا يەر تەۋرىدى

دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بەندەر ئابباس شەھىرىدە 5 بال يەر تەۋرىدى.

197143
ئىراندا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ بەندەر ئابباس شەھىرىنىڭ 31 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقانلىقى جاكارلاندى.
فىن، گىنۇ، تازىيان، رىزۋان، تەنگى باغ رايولىرىغا ئىزدەش قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىران دائىرىلىرى ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكلىرىنى جاكارلىدى.
قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ تەخمىنەن 8 سېكۇنت داۋاملاشقانلىقى، خەلقنىڭ قاتتىق قورقۇپ كېتىپ ئۆزىنى سىرتقا ئاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر