ئى ش ئى د پەشمەرگە كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى پەشمەرگە كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى.

196823
ئى ش ئى د پەشمەرگە كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق مەھمۇر ناھىيەسىدىكى پەشمەرگە بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ماھمۇرنىڭ تەلرىم ۋە تەلشەيىر يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان تەشكىلات، پەشمەرگىلەرنىڭ ئۈچ بازىسىنى قولغا كىرگۈزدى. بىراق پەشمەرگە كۈچلىرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى بىلەن بەرگەن ياردىمى ئاستىدا رايوننى قايتۇرۇپ ئالدى.
ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بۇلتۇر 10-ئىيۇلدا مۇسۇلنى، ئارقىدىن بەزى رايونلارنى تارتىۋېلىشى بىلەن باشلانغان توقۇنۇشلار شىددەت بىلەن داۋاملاشماقتا.
سېپىدە شىئە پارتىزانلىرىمۇ بولغان ئىراق ئارمىيەسى بىلەن پەشمەرگە كۈچلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىدىكى زېمىنلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرمۇ ئىراق ئارمىيەسىگە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى بىلەن ياردەم بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر