ئى ش ئى د 57 قەبىلە ئەزاسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن

ئىراق كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرلىقى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ مۇسۇلنىڭ شەنگال ناھىيەسىدە ئەلبۇ مەيتۇت قەبىلىسىگە تەۋە 57 ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

195580
ئى ش ئى د 57 قەبىلە ئەزاسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا مۇسۇل مەركىزىي جامەسىنىڭ ئىمامى ئەيۇپ ئابدۇلۋاھھابنىڭمۇ بارلىقى ۋە ئىمامنىڭ جامائەت ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
يەرلىك مەنبەلەردە ئىمام ئابدۇلۋاھھابتىن باشقا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئى ش ئى د مۇسۇلنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئى ش ئى د غا «تۆۋبە» سىنى بىلدۈرگەن ئەسكەر ۋە ساقچىلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئى ش ئى د نىڭ مۇسۇلنىڭ سىجار، تەلافەر ۋە بائاج ئارىسىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان ئەلبۇ مەيتۇت قەبىلىسى ئەزالىرى ھەققىدە بېرىلگەن ئۆلۈم قارارىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا ئېلان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ساقچى دائىرىلىرى 19 – يانۋار ئىمام ئابدۇلۋاھھابنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئىراقتا 2014 – يىلى 10 – ئىيۇندا ئى ش ئى د نىڭ مۇسۇلنى، ئارقىدىن باشقا رايونلارنى قولغا چۈشۈرۈشىدىن كېيىن باشلانغان ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتىدۇ. شىئە قوراللىق كۈچلىرى ۋە پەشمەرگىلەر (شىمالىي ئىراق رايونلۇق قوراللىق قىسمى) مۇ بار بولغان ئىراق ئارمىيەسى، ئى ش ئى د نىڭ قولىدىكى زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم بولسا، ئىراق ئارمىيەسىگە ھاۋادىن ياردەم قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر