ياۋروپا ئىتتىپاقى كەينىگە قەدەم تاشلىدى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق ھەرىكىتى «ھاماس» نى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كەينىگە چېكىندى.

190855
ياۋروپا ئىتتىپاقى كەينىگە قەدەم تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى ياۋروپا ئادالەت دىۋانىنىڭ «ھاماس» نى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش قارارىنى قانۇنى جەھەتتىن تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى سوتنىڭ ھاماس توغرىسىدىكى قارارىنى بۈگۈن تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياۋروپا ئادالەت دىۋانى 2014 – يىلى 17 – دېكابىر چىقارغان قارارىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھاماسنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش سەۋەبلىرىنىڭ كونكېرىت ھەرىكەتلەرنىڭ ئورنىغا، ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېتتە ئورۇن ئالغان كۆزقاراشلارنى سەۋەب قىلىشىنى قانۇنغا خىلاپ، دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.
ھاماسنىڭ تېرررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش قارارىنى چىقارغان ياۋروپا سوت مەھكىمىسى، تەشكىلاتنىڭ مال – مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىق ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۈچ ئاي كېچىكتۈرگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر