كالا گەندىسىدىن يېمەكلىك يېغى ياسىغان كىشى ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى

خىتاي سوتى ھايۋانلارنىڭ گەندىسىدىن يېمىكلىك يېغى ئىشلەپچىقارغان كىشىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.

191417
كالا گەندىسىدىن يېمەكلىك يېغى ياسىغان كىشى ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۈيجۇ ئەنشۇن ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىن ئەن شىركىتىنىڭ كارخانا ۋەكىلى ۋېي مىڭجىنى كالا گەندىسىدىن ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق يېمەكلىك يېغى ئىشلەپچىرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، سوت مەھكىمىسى ۋېي مىڭجىغا 340 مىليون يۈەن (56 مىليون دوللار) ئىقتىسادىي جازا بەرگەن ۋە پۈتۈن مال – بېساتلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ھەمتاۋاق بولغان ئىككى كىشىگە بولسا، ئايرىم – ئايرىم ئىككى يىللىق ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. جاۋابكارلار بۇ قارار ئۈستىدىن نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.
يېقىنقى يىللاردا يېمەك – ئىچمەك سەتچىلىكلىرى بىلەن زىلزىلە پەيدا قىلىۋاتقان خىتايدا، يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن نازارەت قىلىش كۈچەيتىلگەندىن باشقا، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر