بېلگىيەدە ئى ش ئى د نىڭ كاتتىبېشى قېچىپ كەتتى

بېلگىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بەش شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، ئى ش ئى د نىڭ كاتتىبېشىنى تۇتالمىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

189459
بېلگىيەدە ئى ش ئى د نىڭ كاتتىبېشى قېچىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيە تېررورلۇققا قارشى قىسىملىرى ھۇجۇمغا تەييارلىنىۋاتقان ۋە سۈرىيەدىن كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) ئەزالىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى. ھۇجۇم تەييارلىقىدا بولۇۋاتقان ۋە سۈرىيەدىن قايتىپ كەلگەن تېررورلۇق تورىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، ئىككى ئى ش ئى د ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى، بىرسى يارىدار ھالەتتە تۇتۇلدى. پايتەخت بىريۇسسېلنى مەركەز قىلغان ھالدا جەمئىي بەش شەھەردە ئى ش ئى د غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى. ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان جايلاردا ۋە دۆلەت مىقياسىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈلدى.
بېلگىيە ئەدلىيە مىنىستىرى كوئېن گېنىس ھەربىي ھەرىكەتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرىنى تۇتالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەردىن كېيىن، تەھدىت سەۋىيەسىنى دۆلەت مىقياسىدا 2 دىن 3 كە چىقارغان بېلگىيە ھۆكۈمىتى، ئەلچىخانا، ساقچى ئىدارىلىرى، ئەدلىيە ۋە يەھۇدىي مەركەزلىرى قاتارلىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىش ئېھتىمالى بولغان جايلارنى قوغداش ئۈچۈن 300 ئەسكەر ۋەزىپىگە قويۇلدى.
بېلگىيە خەۋپسىزلىك تەھدىت سەۋىيەسىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4 كە چىقارالايدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر