ئامېرىكا سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى

ئامېرىكا پارىژدىكى «چارلى ھېبدۇ» غا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنىڭ ئەلقائىدە رەھبىرى ئەيمەن زەۋاھىرى تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن سىن كۆرۈنۈشىنىڭ راستلىقىنى جەزملەشتۈردى.

186286
ئامېرىكا سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيە ھارف كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەرەب يېرىم ئارىلى ئەلقائىدەسىنىڭ ئەلقائىدەگە قاراشلىق ئەڭ خەتەرلىك تەشكىلات ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ھارف، ھۇجۇم يۈز بەرگەن كۈنى كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان 30 يەمەنلىكنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ھارف بۇ تەشكىلاتنىڭ خەۋپ شەكىللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر