فىرانسىيە ئى ش ئى د غا قارشى ھاۋا ھۇجۇمىنى كۆپەيتىدۇ

ئىراقنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا توقۇنۇشلار ئىزچىل داۋام قىلدى. ئىراق ئارمىيەسى سەلاھاددىن ۋىلايىتىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ( ئى ش ئى د) نى چېكىندۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

185624
فىرانسىيە ئى ش ئى د غا قارشى ھاۋا ھۇجۇمىنى كۆپەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پارلامېنتى پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىراقتا ئى ش ئى د غا قارشى ھاۋا ھۇجۇمىنى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئى ش ئى د غا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن پارلامېنت تەستىقلايدىغان يېڭى قانۇن ئۈستىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، ئى ش ئى د غا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ ئوينايدىغان رولىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى مارىيا خارف، تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن ئى ش ئى د غا ئەزا بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان چەت ئەللىك پىدائىيلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئى ش ئى د غا قېتىلىش ئۈچۈن سۈرىيەگە بارماقچى بولغان چەت ئەللىك پىدائىيلارنى بايقاش ۋە چېگرادىن ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
ياۋروپا ساقچى تەشكىلاتى (YUROPOL)، يېقىنقى كۈنلەردە، ئى ش ئى د نىڭ كۈچلۈك تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە 3 مىڭ بىلەن 5 مىڭ ئارىسىدا بولغان ياۋروپالىقنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرققە كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر