مۇرداخ مۇسۇلمانلار توغرىسىدا شەرمەندىلەرچە ئۇچۇرلارنى تارقاتتى

خەلقئارا مېدىيا گوروھى ‹News Crop› نىڭ خوجايىنى رۇپېرت مۇرداخ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا فىرانسىيەدىكى چارلى ھېبدو ژۇرنىلى ھۇجۇمى توغرىسىدا ئىنتايىن شەرمەندىچىلەرچە ئۇچۇرلارنى يوللىدى.

181093
مۇرداخ مۇسۇلمانلار توغرىسىدا شەرمەندىلەرچە ئۇچۇرلارنى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇرداخ دەسلەپتە «مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقى تىنچلىقپەرۋەر بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بارغانچە زورىيىۋاتقان جىھادچىلىق راكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى يوقىتىپ تاشلاپ بولغۇچە ئۇلارنى تېررورلۇقنىڭ جاۋابكارى، دەپ قاراش كېرەك» دېگەن ئۇچۇرنى ئورتاقلاشتى. رۇپېرت مۇرداخنىڭ پارىژدىكى ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر ئۇچۇرىغا مىڭلارچە نارازىلىق ئىنكاسى يېزىلدى.

مۇرداخ ئىككىنچى ئۇچۇرىدا «جىھادچىلىق خەۋپى فىلىپپىندىن ئافرىقىغىچە، ياۋروپادىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغىچە ھەممە يەرگە كېڭەيمەكتە. سىياسىي جەھەتتە توغرىنى ياقلاش نامىدىن ئىنكار ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىككە يۈزلىنىلمەكتە» دېگەنلەرنى يازدى.

يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان مۇرداخنىڭ ئۇچۇرىنىڭ پەقەت بىر قانچە مىڭلا قوللاشقا ئېرىشىشى دىققەتنى تارتتى.

بەزى ئەگەشكۈچىلىرى مۇرداخنى «مىلياردلارچە كىشىنى بىر ئۇچۇم كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جاۋابكارى دېيىشكە بولمايدۇ» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى. يەنە بەزىلەر مۇرداخقا ئۇ باشقۇرۇۋاتقان مېدىيا گوروھىنىڭ شەرمەندىچىلىكلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

يەنە بەزى ئىنكاسلاردا «بۇنداق بولغاندا سەنمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ جاۋابكارى بولۇشىڭ كېرەك» دېيىلدى.

مۇرداخنىڭ لوندوندا نەشر قىلىنىدىغان بىر گېزىتى يوشۇرۇنچە تىڭشاش سەتچىلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تاقىلىپ قالغان، نىيۇيوركتا نەشر قىلىنىدىغان بىر گېزىتى پارىخورلۇق سەتچىلىكى سەۋەبىدىن قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر