«ئامېرىكا ئېمبارگودىن ۋاز كەچمەيدۇ»

ھامانېي: يادرو مۇزاكىرىلىرىدە ئىران كەينىگە قەدەم تاشلىغان تەقدىردىمۇ ئامېرىكا ئېمبارگودىن ۋاز كەچمەيدۇ.

176816
«ئامېرىكا ئېمبارگودىن ۋاز كەچمەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېي، «ئامېرىكىلىقلار نومۇس قىلماستىن ئىران يادرو مەسىلىسىدە كەينىگە قەدەم تاشلىغان تەقدىردىمۇ ئېمبارگولارنىڭ تامامەن بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى جار سالماقتا» دېدى.
مۇزاكىرىلەرگە قارشى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ھامانېي، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى نېفىتقا ئاساسلىنىدىغان دۆلەتنىڭ ئېمبارگولارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نېفىتقا بېقىندى بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تېھران دائىرىلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تەقدىردە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇش سىياسىيىتىنى يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ھامانېي، «قارشى تەرەپنىڭ قولىدىن ئېمبارگو قورالىنى تارتىۋېلىش كېرەك» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر