ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار پارىژ ھۇجۇمغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتى (7 – يانۋار) پارىژدا 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان قانلىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

177586
ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار پارىژ ھۇجۇمغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى شىمالىي ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتى (ISNA) نىڭ ئۇچۇر – ئالاقە دىرېكتورى ئېدگار خوپىدا، پارىف ھۇجۇمىنى شىددەت بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قوللاشنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ زوراۋانلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا ۋە فىرانسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. فىرانسىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ، ئادالەتنىڭ ئالدىغا تارتىپ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
مەركىزىي ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئامېرىكا ئىسلامىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (CAIR) نىڭ باشلىقى نىھاد ئاۋاد: «ئېتىقاد ۋە دىنغا ئائىت شەخسىيەتلەر مەسخىرە قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئەركىنلىككە قىلىنغان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملارنى رەت قىلىمىز» دېدى.
«زاكات فوندى» نىڭ ئامېرىكىدىكى مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇرات كۆسەمۇ پارىژ ھۇجۇمىنى قوللاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە: «پەيغەمبىرىمىز ئىنسانىيەتكە رەھمەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى. ئۆزى ھايات ۋاقتىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق تارتتى، سان – ساناقسىز ھاقارەتلەرگە ئۇچرىدى، ئەمما ئەتراپىدىكى ساھابىلەر باشقىلارنى ئۆلتۈرمىدى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر