«بىز سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ئارىلاشمىغانلىقىمىز ئۈچۈن پۇشايمان»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇا ئولاند بەششار ئەسەد خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەندە تېگىشلىك جاۋاب بەرمىگەنلىكىدىن پۇشايمان ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

173638
«بىز سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ئارىلاشمىغانلىقىمىز ئۈچۈن پۇشايمان»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت فىرانسۇا ئولاند فىرانسىيەنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) غا قارشى كۈرەش ئۈچۈن بەششار ئەسەد بىلەن ھەمكارلىشىشتىن يىراق تۇرۇشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى قوللاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى ۋە: «سۈرىيە 2013 – يىلى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەندە ‹تېگىشلىك جاۋاب› بەرمىگەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلىۋاتىمىز. ئەمدى قارشىمىزدا ئى ش ئى د بار. ئى ش ئى د نىڭ ئەسەد بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ – يوق، بۇنى تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېدى. ئۇ ياۋروپانىڭ سۈرىيەدىن كەلگەن مۇساپىرلارغا قارشى چېگرالىرىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، گېرمانىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ فىرانسىيەدىنمۇ كۆپ سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ياۋروپاغا كۆپ مۇساپىر كەلمەسلىكى ئۈچۈن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش سىياسىتىگە ئېھتىياج بارلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر