گوللاندىيەدە بىر جامە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشقا چاقىرىلدى

گوللاندىيەدە بىر جامە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشقا چاقىرىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

170942
گوللاندىيەدە بىر جامە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشقا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدە مۇسۇلمانلارغا تەۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تور بېتى بولغان Facebook ئارقىلىق بۇ دۆلەتتىكى جامەلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا چاقىرغانلار ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلدى.
سوتقا ئەرز قىلغان ماراكەشلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار، باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن سوتقا ئەرز قىلىشنى تەلەپ قىلدى. دۆلەت بىلەن مۇسۇلمانلار ئالاقىلىشىش ئورگىنىمۇ خەۋپسىزلىك ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىكىغا خەت يېزىپ تەھدىت چاقىرىقلىرىغا قارشى تەدبىر ئېلىنىشنى تەلەپ قىلدى.
تەشكىلات باياناتچىسى ياسسىن ئەل فۇرقانى مىنىستىرلىكتىن ئېلىنىشى تىگىشلىك بولغان تەدبىرلەر مەسىلىسىدە مەلۇمات تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى ئېيتىپ، جامەگە كەلگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، مىنىستىرلىك بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. بەزى جامەلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
Facebook تا شىۋېتسىيەدىكى جامەنى بۇلاڭ-تالان قىلىش خەۋىرىنىڭ ئاستىغا ئوخشاش ئىشلارنىڭ گوللاندىيەدىمۇ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى يېزىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر