لىۋىيەدىكى مالىمانچىلىق ۋە زوراۋانلىق داۋاملاشماقتا

سىرتە شەھىرىدىمۇ مىسىرلىق 20 نەپەر خىرىستىيان ئىشچىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

170241
لىۋىيەدىكى مالىمانچىلىق ۋە زوراۋانلىق داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدىكى مالىمانچىلىق ۋە زوراۋانلىق داۋاملاشماقتا.
كۇفرا شەھىرىدە 17 ئەسكەر بىلەن بىر پۇخرانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئالىقىدار ھەربىي مەسئۇل، مىلىتانلارنىڭ مەلۇم بىر ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 17 ئەسكەر بىلەن بىر نەپەر پۇخرانى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سىرتە شەھىرىدىمۇ مىسىرلىق 20 نەپەر خىرىستىيان ئىشچىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى بىلەن مۇئەممەر كاززافى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان 2011 – يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان لىۋىيەدىكى قالايمىقانچىلىق رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا.
نىگىرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەدۇ ئىسۇفۇ لىۋىيەدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارانى مۇداخىلە قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر