ئامېرىكا ئەششابابنىڭ ئىستىخبارات ئىشلىرى مەسئۇلىنى ئۆلتۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سومالىدىكى ئەششاباب تەشكىلاتىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا تەشكىلاتنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىخبارات خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

166574
ئامېرىكا ئەششابابنىڭ ئىستىخبارات ئىشلىرى مەسئۇلىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى مەملىكەتلىك ئىستىخبارات ۋە خەۋپسىزلىك باشقارمىسى تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ مۇقدىشۇدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىغا مەسئۇل شايكىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇمدا مەزكۇر كىشىدىن باشقا ئىككى مىلىتاننىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى يوقىتىش مەقسىتىدە سومالىنىڭ ساكوۋ شەھىرى ئەتراپىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ھۇجۇمىدا تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئەھمەد ئەبدى گودانە ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر