باڭلادېشتا يەنە بىر دىنى ئالىم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

باڭلادېشتا جامائەت ئىسلامىي رەھبەرلىرىدىن ئەزھەرۇل ئىسلام ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

165705
باڭلادېشتا يەنە بىر دىنى ئالىم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېشتا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئەسناسىدا جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن جامائەت ئىسلامىي رەھبەرلىرىدىن ئەزھەرۇل ئىسلام ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ئەزھەرۇل ئىسلام 1971-يىلدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئەسناسىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.
باڭلادېش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئەسناسىدا سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن 2009-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتلىرى مەھكىمىسى ئەزھەرۇل ئىسلامنى 5 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىدى.
ساقچىلار ئەزھەرۇل ئىسلامنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەتراپىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالدى.
سوت مەھكىمىسى جاتىيا پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن ۋە سابىق دۆلەت مىنىستىرلىرىدىن سەيىد مۇھەممەد قەيسەرنىمۇ 23- دېكابىردا ئۆلۈمگە جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر