نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.

163848
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان كادۇنا ئۆلكىسىنىڭ تاتۇرا يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قېچىشقا ئۇرۇنغان كۆپ ساندا ئادەم يارىلاندى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

كادۇنا ئۆلكىسىدە ئۇزۇندىن بۇيان قەبىلىلەر ئارا ئېتنىك توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر