ھەلەپتە سۈرىيە ئەسكەرلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلدى

ھۇجۇمدا 10 ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن ساندىكىلىرىنى يارىدار قىلىنغانلىقى ۋە بىر قانچىلىغان ھەربىي بازىلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

146666
ھەلەپتە سۈرىيە ئەسكەرلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
سۈرىيەدە قوزغىلاڭچىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار پۈتۈن شىددىتى بىلەن داۋاملاشماقتا.
ھەلەپنىڭ شىمالىدىكى بۇرەيج رايونىدا ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى.
ئىسلامى جەبھە تەشكىلاتىغا قاراشلىق قوزغىلاڭچىلار قىسمىنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنلىكى، 10 ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن ساندىكىلىرىنى يارىدار قىلغانلىقى ۋە بىر قانچىلىغان ھەربىي بازىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر