ئىراندا يەر تەۋرىدى

ئىراننىڭ خۇزىستان شەھىرىدە 5.2 بال يەر تەۋرىدى.

147574
 ئىراندا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ھەممىنى قورقۇتتى.
ئىراننىڭ خۇزىستان شەھىرىدە 5.2 بال يەر تەۋرىدى.
تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى گىئوفېزىكا ئىنسىتىتۇتى يەر تەۋرەش تەتقىقات مەركىزى ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خۇزىستان شەھىرىگە قاراشلىق باھباخان ناھىيەسىدە يەر يۈزىدىن 10 كېلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى ھەمدە ماددى زىيان قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەر تەۋرەش خۇزىستاننىڭ باشقا ناھىيەلىرى بىلەن بىرگە بەيارئەھمەد شەھىرىنىڭ دەھشەست ناھىيەسىدىمۇ ھېس قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر