ئۈچ تەرەپ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى

4 – نۆۋەتلىك ئەزەربەيجان – گىرۇزىيە – تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى قارستا چاقىرىلىدۇ.

144139
ئۈچ تەرەپ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
يىغىن دائىرىسىدە ئۈچ دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ۋە رايونلۇق ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇرۇلىدۇ، ئالدىنقى يىغىنلاردا ئېلىنغان قارارلار كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.
بۇ ئارىلىقتا، مىنىستىلار ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر كەڭ كۆلەملىك مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىپسىپىغا ئاساسەن ھەر ساھەدە ئورتاق ھەمكارلىق ئېڭىيىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى، رايونلۇق مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشىگە ھەسسە قوشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر